قولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ساماۋىي كىتابلار ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار دەۋەت قىلغان، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭسىز دىندا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغان ، تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ناھايىتى پايدىلىق بىر كىتابچىدۇر. بۇ كىتابچە داغدام يولغا، ئاشكارا ھەقىقەتكە باشلاپ، اﷲ نىڭ كامالى سۈپىتىگە زىت كېلىدىغان بارلىق شەكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىماننى ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ.
Author: ھاپىز ئىبنى ئەھمەد ئەلھەكەمىي
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - سابىرجان
-
Source: http://www.islamhouse.com/p/2296
«دىن ۋە ھايات» ناملىق بۇ ئەسەر 1600 سوئال ۋە جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتۇر ئەسىرىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى ۋە تۈرلىرى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىكى كەڭرىچىلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئائىلە تۇزۇمى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
Author: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ كىتاپ تەپسىر جەۋاھىردىن مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ تاللانما تەرجىمىسى بولۇپ ،بۇ تەپسىر ھەر-خىل ھازارەت ۋە مەدەنىيەت كۆز قاراشلىرىدىكى جەمىيەتشۇناس ، پىسخىلوگىيە ، بىئولوگىيە ،تەبىئى پەن قاتارلىق بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتى بىلەن تونۇشۇپ چېقىشىغا ئاساس سالغۇسى.
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئالىم ئابدۇرەھمان
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
ياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.
Author: ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپ نەۋەۋى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
«ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار» ناملىق بۇ كىتاپتا، شەرىئەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، پىسخىك ۋە كىشىلىك جەمىيەت قاتارلىق ساھالەرگە چىتىلىدىغان ئاياللارغا ئائىت مەسىلىلەرگە، داڭلىق ۋە ئىشەنچىلىك دىنى ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاپچە ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا، بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە ياردەمچى بولغۇسى.
Author: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتىتى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئىسلام جان ئۇيغۇرى
Publisher: http://www.nurislam.cn